ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.08.03
2010.08.03
RFA Photo
پائالىيەت گوللاندىيىنىڭ ئىندوفىن شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيە ۋە بېلگىيىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ۋەتەنداشلار قاتناشتى. گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندىمۇ پائالىيەتنى تەبرىكلەپ، ياشلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېقىن بىر دالادا زىياپەت بېرىلىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن سۆھبەتلىرى ۋە ناخشا - مۇزىكا، يۇمۇرلىرى كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاقلىققا ئۈمىد بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندى باشلىق چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ قىزغىن سالاملىرى ۋە جانلىق نۇتۇقلىرى بىلەن يىراق - يېقىندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلاتتى.
تۈرلۈك مەزمۇن ۋە چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بىلەن ئۆتكەن بۇ يەكشەنبە، ئىشتىراكچىلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك ئىمكانلار بىلەن مۇھاجىرەت سىپىگە قېتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى ياشلىشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن ھالقىپ، باشقا دۆلەتلەردىكى ۋەتەنداشلىرى بىلەن قۇچاقلاشماقتا. ئىتتىپاقلاشماقتا. قولىدىن كېلىدىغان ھەرخىل ئىجتىمائىي ۋە مەدەنى پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۈرلىرىنى سەرخىللاشتۇرماقتا.
ئۆتكەن ئايدا بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپى بىلەن گوللاندىيىدىكى ياشلار بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە ئۆز - ئارا ئۇچرىشىپ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.