دالاي لاما رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەكتۇپى، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى
2012.11.07

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ روھانىي داھىيىسى دالاي لاما 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولماقتا. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئاساسلىقى بۇددا دىنىي تەلىماتى بىلەن ئىلىم-پەننىڭ مۇناسىۋىتى يەنى «دالاي لاما بىلەن ئالىملارنىڭ دىئالوگى» دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى، ئىنسانلاردىكى ئېتىقاد مەسىلىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھاياتلىقتىكى ئۆتمۈش، كېلەچەك قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. دالاي لاما بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزىنىڭ دىنىي كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتنىڭ روھانىي داھىيىسى دالاي لامانىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ھەم سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن ئۆزىنىڭ مەكتۇپىنى، سالىمىنى، ئۇيغۇر دوپپىسىنى ۋە ئەتلىسىنى دەرھال يوللاپ، ئۆز نامىدىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىغان ئەزالارغا، دالاي لاما ئەپەندىمگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان.
11-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدا، توكيودىكى بەش يۇلتۇزلۇق ئوكۇرا مېھمانخانىسىدا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيىسى دالاي لاما، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى«خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن يەنى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك پروفېسسور دوكتور بالمۇن ئەپەندى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇچرىشىپ، سۆھبەتتە بولغان. ئۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەكتۇپىنى، سالىمىنى، ئۇيغۇر دوپپىسىنى ۋە ئەتلىسىنى دالاي لاماغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. دالاي لاما ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالىمىنى بۇ ۋەكىللەر ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمغا يەتكۈزگەن ۋە شۇنداقلا پروفېسسور بالمۇن ئەپەندىگە تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئاق شارپىسىنى سوۋغا قىلغان.
بىز رابىيە قادىر خانىمغا دالاي لامانىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەكتۇپىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.