رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە ئاخبارات ساھەسىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسپانىيە شۆبىسىنىڭ 2010-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق زىيارەت ئوبيېكتى بولغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.04.06
Rabiye-xanim-Yawropa-parlamentida-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯗﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺴﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 6-ئاپرېل، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىتتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسپانىيە شۆبىسىنىڭ 2010-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق زىيارەت ئوبيېكتى بولغان.

گەرچە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئىسپانىيە ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارەتلىرىدىن كېيىن، ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىگە ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىگە قاراتقان بۇ قېتىملىق زىيارەت تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.