0:00 / 0:00
ئۇ كىشى ئىنكاسىدا، خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە توغرا يولدا ماڭغانلىرىنى جازالاپ، خاتا يولدا ماڭغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خاتا يولدا ماڭغانلارنىڭ پايدىسىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىككى ۋەقەنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى.
" -- ساقچىلار يانچۇقچىلار بىلەن شېرىك"
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىقى ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئەقىللىق ۋە جاسارەتلىك؛ ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە بۇ ئالاھىدىلىكىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان مائارىپ ۋە قانۇن مەۋجۇت ئەمەس.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر ئىنكاسچىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.