سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى
2012.03.22

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆھبىتىدە، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى تىل ۋە دىن ئىكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەۋاتقانلىقىدىن، ئۇيغۇر ئېلىپبە كىتابلىرىنى باستۇرۇپ تارقاتقانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە سۆزلەپ چوڭ بولمىغان كۇچالىق مۇھەممەد مۇرات ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ 40 ياشتىن ئاشقىنىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، بۇ تىلنى راۋان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا سۆھبەتلەشكۈدەك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىدىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.