شۋېتسىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋاز بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010.09.22
2010.09.22

RFA Photo / Shohret Hoshur
شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شۋېتسىيە پارلامېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۆپ ئەمەس. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر يېڭىلىق شۇكى، يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغاندىن سىرت، پارلامېنتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم پارتىيىلەرنىڭ ھەمكارلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سايلام ھارپىسىدىكى پارتىيىلەرنىڭ ھەمكارلىق يىغىنلىرىغا قاتناشتى، تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولدى.
شۋېتسىيە پارلامېنتىغا 349 ئورۇن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى سايلامغا قاتنىشىش قانۇنىي سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پارتىيىلەر سايلام ئارقىلىق تالىشىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا بۇ ئورۇننى شۋېتسىيىدىكى 7 پارتىيە ئىگىلىگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇدراتېرلار دەپ ئاتالغان پارتىيە ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە مۇيەسسەر بولۇپ، شۋېتسىيىدە 100 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەن ئىدى.
بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتتىكى بۇ 349 ئورۇننى 8پارتىيە ئىگىلىگەن بولۇپ، ھېچقايسى پارتىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھۆكۈمەت تەشكىللەش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەمما شۋېتسىيىدىكى رادىكال مىللەتچىلەر دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان شۋېتسىيە دېموكراتچىلىرى نامىدىكى پارتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا پارلامېنتتىكى 20 ئورۇنغا ئىگە بولۇشى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئەڭ قىزىق نوختىسىغا ئايلاندى.
دۈشەنبە كۈنى، شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم، يۆتېبورىي، مالمۆ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئونمىڭلىغان كىشىلەر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، شۋېتسىيە مىللەتچىلىرى دەپ قارىلىۋاتقان شۋېتسىيە دېموكراتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىشىگە قارىشى تۇردى.
1991 - يىلى"يېڭى دېموكراتچىلار" نامىدىكى مىللەتچى پارتىيە كۆچمەنلەرگە قارشى ئاۋاز بىلەن داغدۇغىلىق ھالدا پارلامېنتقا كىرىپ، 3 يىلدىن كىيىن پارلامېنتتىن چۈشۈپ قالغان، ھەتتا پارتىيە بولۇش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ، يوقالغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.