تۈركىيىنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىدە «ئۇيغۇرلار سۈرىيىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى
2012.10.29
يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە «شەرقىي تۈركىستان تېررور تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلات ئەزالىرىنى جىھات قىلىش ئۈچۈن سۈرىيىگە ئەلقائىدە تېررور تەشكىلاتىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھۆرىيەتتە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە بايانات بەرگەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 5-ئايدىن بېرى ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ سۈرىيىگە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر خىتاي رەھبەر، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، بۇلاڭچىلىق، قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىنسانلارنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن ئىقتىسادىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سۈرىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇ ھەقتە تۈركىيىنى ئەيىبلىدى
خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن سۈرىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىماد مۇستافا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە قولىدا ئىسپات يوقلۇقىنى، ئەگەر بۇ توغرا بولسا، ئەجەپلەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىماد مۇستافا، ئىراق ۋە لىۋىيىلىك ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن سۈرىيىگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈركىيىنى ئەيىبلىگەن.
گېزىتكە بايانات بەرگەن تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات سېلىم ئەسەنلى سۈرىيە ئەلچىسىنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. تۈركىيە ئەلچىسى تۈركىيىنىڭ تېررور تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى دېگەن.
خىتايدىكى يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ راستىنىلا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى سۈرىيىگە ئۇيغۇر ئەۋەتىۋاتامدۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.