18-قۇرۇلتاي ئالدىدا جوۋ يۇنكاڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى

خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ باشلىقى جوۋ يۇنكاڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.10.24
ju-yungkang-305.jpg خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي ئىككى چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2012-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خىتايدا 18-قۇرۇلتاي ئېچىلىشقا ئاز قالغان بىر مەزگىلدە جوۋ يۇنكاڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئورنىتىشنى ناھايىتىمۇ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەكىتلىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ كۆزەتكۈچىلەر، بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىكى رەھبەرلىك ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان سەزگۈر بىر ۋەزىيەت تۈپەيلى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقتىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

23-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ باشلىقى جوۋ يۇنكاڭ بېيجىڭدا شىنجاڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان. شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت، شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئەمگەكچىلەر ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، مەركىزى بىرلىكسەپ، تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ، تيەنجىن، شەنشى، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۆلكىلەرنىڭ ھەمدە نېفىت، ئېلېكتر شىركەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىملىرى قاتناشقان.

جوۋ يۇنكاڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلەپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن. ئۇ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەلق تۇرمۇشىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ناھايىتى قېيىن قولغا كەلگەن بۇ ۋەزىيەتنى قوغداپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىشنى، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ھەر ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى، 19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا «ياردەم بېرىش» خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرۇشنى، ئاساسىي كۈچنى يېزىلارغا ۋە كوچا -كويلارغا قارىتىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، مەسىلىنى مەنبەدىن، يىلتىزىدىن ھەل قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتايدا 18-قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەزگىلدە جوۋ يۇنكاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە ئىدى؟ تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھەرقانداق بىر چوڭ يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن مۇقىملىقنى تەكىتلەش خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر ئەنئەنىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق 18-قۇرۇلتايدا ھوقۇقنى ئالىدىغان رەھبەرلەرنى سايلاپ چىقىش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش سەزگۈر رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، جوۋ يۇنكاڭ يىغىندىكى سۆزىدە، ھازىرقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ھەممىمىزنىڭ بىر نىشان، بىر مەقسەت بويىچە ئىتتىپاقلىشىشىمىز ۋە ئۆز ‏-ئارا ھەمكارلىشىشىمىز نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن. بۇندىن كېيىنمۇ يولداشلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. جوۋ يۇنكاڭنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ بۇ يىغىننىڭ 18-قۇرۇلتاي ئالدىدىكى بىر نۆۋەتلىك مەيدان مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە بۇنىڭ جوۋ يۇنكاڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قېلىشتىن ئاۋۋال ئۆزى ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش خاراكتېرى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

بۈگۈن جوۋ يۇنكاڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش كېرەك» دېگەن سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جوۋ يۇنكاڭنىڭ بۇ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ زېمىن ئىگىلەش ۋە بايلىق ئىگىلەشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.