ئادۋوكات نۇرى تۈركەل: '5 - ئىيۇل ۋەقەسى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى سوتتىن بۇرۇن بەلگىلىنىپ بولغان'

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاتالمىش ‏5 - ئىيۇل ۋەقەسى جىنايەتچىلىرىگە رەسمىي جازا مەيدانىنى ھازىرلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىلىرى دەپ بېكىتكەنلەرگە ئۈچ قېتىملىق سوتتا ھازىرغا قەدەر 21 كىشى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈم قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.10.21
Olumge-buyrulghan-Uyghur-305.jpg 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ 1 ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯘ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﻮﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
AFP Photo

بۇنىڭ ئىچىدە 9 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۈلۈم جازاسى ۋە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىندىغان ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاش ئېغىر جازالار ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتقۇن قىلغانلارغا قارىتا قوللىنىۋاتقان جازالاش، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى، ھەتتا سوت تەرتىپىنىڭمۇ ھەم خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەنقىدلەنمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بولسا، خىتاي سوتىدا ئۈلۈم جازاسىغا ئوخشاش ئېغىر جازالار بېكىتىلگەن ‏5 -ئىيۇل ۋەقەسى قاتناشچىلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا خىتاي سىياسىتى ئارقىلىق بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.