سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى توشىيو تاموگامى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە ت ب س تېلېۋىزىيە قانىلىدا كەچ سائەت 8 يېرىمدا تارقىتىلغان ئىككى يېرىم سائەتلىك "تاككۇرۇ" پروگراممىسىدا "خىتاي دېموكراتىيىلىشىشكە يۈزلىنەمدۇ؟" ناملىق نەق مەيدان مۇنازىرە پروگراممىسى تارقىتىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010.12.30
toshio-tamogami1-305.jpg سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى توشىيو تاموگامى ئەپەندى
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيىدىكى داڭلىق كىنو چولپىنى كىتونو تاكىشى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىغا سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى توشىيو تاموگامى ئەپەندى، بېيجىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي نەزەرىيە مۇتەخەسسىسى ياۋ ئەپەندى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى مۇتەخەسسىسى جوۋ يوۋ لاي ئەپەندى، خىتايدا تونۇلغان قانۇن نەزەرىيىسى مۇتەخەسسىسى چاۋ ئەپەندى ۋە تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىس جىن خانىملار قاتناشقان.

بۇ پروگراممىغا يەنە يېقىندا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى تالاش تارتىشتا قالغان سېنكاكو ئارىلىغا ياپونىيە بايرىقىنى تىكلىگەن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.  بۇ تېلېۋىزىيە مۇنازىرە پروگراممىسىدا يېقىندا خىتايدىكى ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى، سېنكاكو ئارال مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.

دوكتور ھاجى قۇتلۇقنىڭ ئېيتىشىچە، پروگراممىدا ياپون مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنى، خىتاينىڭ ياپونىيە، فىلىپپىن، مالايشىيا ۋە شۇنداقلا ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئارال ماجىراسى ئۇندىن باشقا ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسى قاتارلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا خىتاي دۆلىتىنى ئاقلاپ نۇرغۇنلىغان پاكىتسىز سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيداندا قويۇلغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە تىبەت نامايىشى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە خىتاي سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

toshio-tamogami2-385.jpg
سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى توشىيو تاموگامى ئەپەندى
RFA/Erkin Tarim

فىلىم ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭلا ياپونىيىنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى تاموگامى ئەپەندى سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن تاجاۋۇزچى دۆلەت، بۇ كۆرۈنۈشلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتايلار تارىختىكى مۇستەقىل دۆلەت شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى بېسىۋېلىپ ئۇلارنى ھازىر ھەربىي كۈچ ۋە باشقا سىياسىي بېسىملار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىدى دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىلىنى مائارىپىنى ۋە مەدەنىيىتى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇندىن باشقا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە يۆتكەش قاتارلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەپ نەق مەيداندىكى خىتاي تەرەپنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

بىز بۇ مۇنازىرە پروگراممىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ت ۋ پروگراممىسىنى باشتىن ئاخىر كۆرگەن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.