ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قەملىرى ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ ئىلغان بىر خەلق بولغانلىقىنى پۈتۈن تۈرك ئايماقلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ تاش مەتبە ۋە قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئىجات قىلغانلىقى، ئۆزلىرىگە خاس يېزىق ۋە ئېلىپبەنى تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقارغانلىقى، ئەرەب - ئىسلام ئاتالغۇلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ قوللانغانلىقى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى بۆلۈمىنىڭ ئۇستازى دوتسېنت دوكتور يۈسۈپ تەپەلى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

دوتسېنت دوكتور يۈسۈپ تەپەلى بىلەن سۆھبەت

دوتسېنت دوكتور يۈسۈپ تەپەلى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:" تۈركلەر ھۇنلاردىن باشلاپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت. زامانىمىزدا بۇ مىللەت ھەرخىل ئىسىملار ئاستىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بەزىسى دۆلەت ۋە بەزىسى ئاپتونومىيە شەكلىدە ياشاپ كەلمەكتە. ھازىر دۇنيادا قىرغىز، قازاق، ئازەرى، تۈركمەن، تۈرك، ئۆزبەك، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان تۈرك ئايماقلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تىل يېزىقلىرى كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئىدى. كۆكتۈرك يېزىقلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان ۋە تاشقا  ئويۇلغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا كۆرە، بىرلا تەڭرىگە يەنى كۆك تەڭرىگە ئېتىقا قىلىش ئاساسىدا ئىدى. بۇ ۋاقىتلار مىلادىيە 5 - ئەسىر بىلەن 8 - ئەسىر ئارىسىنى كۆرسىتىدۇ."

ئۇيغۇرلار تۈركچە سۆزلەرنى ياساشتا بىرىنچى خەلقتۇر

دوتسېنت دوكتور يۈسۈپ تەپەلى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرى ھەم دىن ، ھەم ئېلىپبە ئۆزگىرىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر تارىخلاردا ئۇيغۇر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇددىسلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  يېزىقلىرى ھەم كۆكتۈرك ئېلىپبەسىدە ھەم ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلىپ تاشقا ئويۇلغان ئىدى. قەدىمقى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئالاھىدە زور بىلىم تەلەپ قىلىدۇ، ھازىرغىچە قىلىنغان تەرجىمىلەردە كۆپ خاتالىقلار كۆرۈلۈپ كەلدى. ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېپىلدى. قەدىمقى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىنى بىلىم دۇنياسىغا تولۇق تونۇتۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىش، بۈيۈك بىر ئۇيغۇر سۆزلۈكى ۋە ئۇيغۇر گرامماتىكىسىنىڭ چىقىرىلىشى تۈركلەرنىڭ تارىختىكى بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇددىزم، خرىستىئان، مانى دىنلىرىغا ئائىت كىتابلارنىڭ چۆرىسىگە بېرىلگەن تۈركچە ئىزاھاتلار  ئۇيغۇرلار ئۆز ۋاقتىدا ياسىغان يېڭى تۈركچە سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرلار يېڭى تۈركچە سۆزلەرنى ياساشتا پۈتۈن تۈرك ئايماقلىرىغا ئۈلگە بولغان ئىدى."  

تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەت بىلەن تىز ماسلىشىپ كېتىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى زور بولغان

دوتسېنت دوكتور يۈسۈپ تەپەلى يەنە مۇنداق دېدى:" تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشىدا  ۋە بۇ يېڭى دىن بىلەن تىزلا ماسلىشىپ كېتىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى زور بولغان. چۈنكى ئۇيغۇر دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولساق، ئىسلامىيەت بىلەن مۇنداق تىز شەكىلدە ماسلىشىپ كېتەلىشىمىز قىيىن ئىدى.  تەرجىمە بىلىمى ئۇيغۇرلار دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ۋە ئەرەبچە ئاتالغۇلارنى تۈركچىگە ئايلاندۇرۇپ چۈشەندۈرگەن يىگانە خەلقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈركچە تەرجىمىلىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىغان ۋە ھەممىسى قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئانادولۇ ئەتراپىدا يۇنۇس ھەمراھقا ئوخشىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋاقتىدا ياسىغان تۈركچە سۆزلەر ۋە تەرجىمىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: "ئاللاھ" سۆزىنىڭ ئورنىغا" تەڭرى"، ناماز سۆزىنىڭ ئورنىغا يۈكۈنۇش مەنىسىدە" يۈكۈنچ"، "قادىر" سۆزىنىڭ ئورنىغا "ئۇگان" دېگەن تۈركچە سۆزلەرنى قوللانغانغا ئوخشاش. ئۇيغۇرلار ئۆز دەۋرىدە ياسىغان تۈركچە سۆزلەر ۋە تەرجىمىلەرنىڭ كۆپلىرى ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىسى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى يۇقىرىقىلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.  بۇ ماۋزۇدا كۆپرەك ئىزدىنىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن تۆھپىلىرىنى  ئوتتۇرىغا چىقىرالىشىمىزدا شەك يوق."

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت