ئۇيغۇرلارنىڭ «يەرلىك خەلق» سالاھىيىتى

بىز ئالدىنقى پروگرامىلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىرتتىن كەلگەن 6 مىليون كۆچمەننى «تۇراقلىق ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشتۈرۈپ ئۇلارنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدۇق. سۆھبەتداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كۆچمەن يۆتكەش مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىردەك تەكىتلەشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئەنگلىيىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان تەتقىقاتچى تۇغبا خانىم بولسا، سۆھبىتىمىزدە بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارادا مەخسۇس بۇ مەسىلە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلق دەپ تونۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇنداقتا، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرى بۇيىچە يەرلىك خەلق دېگەن نېمە؟ يەرلىك خەلققە ئالاقىدار قانداق نىزامنامىلەر بار؟
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەر يېڭى بازاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر
قەشقەر يېڭى بازاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر
Public Domain


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارادا مەخسۇس يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيا يەرلىك خەلقلەر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بارغان كۈچلۈك پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، ئاخىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس «يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇق باياننامىسى» نى قوبۇل قىلغان. ب د ت نىڭ يەرلىك خەلققە بەرگەن تەبىرى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

مەلۇم بىر جۇغراپىيىگە يەرلەشكەن ۋە ئۇ يەردە ياشىغان، ياشاپ كەلگەن زېمىنى باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان، ئەمما ئۆزىنىڭ تارىخى ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، سىياسىي تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان ياكى قىسمەن ساقلاپ قالغان خەلقلەر «يەرلىك خەلق» دەپ ئاتىلىدۇ. يەرلىك خەلقلەر ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەركىن ھالدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. يەرلىك خەلقلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سېستىمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. يەرلىك خەلقلەر ئۆز مائارىپىنى، تۇپرىقىنى، ۋە شۇ زېمىندىن چىقىۋاتقان بايلىقلارنى ئىشلىتىش، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

بۇ باياننامە 2007 - يىلى سىنتەبىردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشىدا 1975 - يىلى كانادادا قۇرۇلغان يەرلىك خەلقلەر قۇرۇلتىيىنىڭ رولى چوڭ. قىسقىچە ئىسمى WCIP دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تەشكىلات ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە.

ئەنگىلىيىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان تەتقىقاتچى تۇغبا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت نىڭ يەرلىك خەلق ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ يەردە بىر مەسىلە بار. ئۇ مەسىلە نېمە؟

- مەسىلە، خىتاي ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدە يەرلىك خەلقلەر بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئالاقىدار ماددىلارغا قول قويمىغان. ئۇلار ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق بارلىق مىللەتلەرنى ئەزەلدىن خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاينىڭ ئەزەلدىن يۇقىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەرلىك خەلقلەرگە ئالاقىدار باياننامىنىڭ 8 - ماددىسىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىدىن قوغداش دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ باياننامە تەۋسىيە خاراكتېرلىك باياننامە بولۇپ، دۆلەتلەرنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتالمايدۇ. لېكىن تۇغبا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق بۇ باياننامىنىڭ 8 - ماددىسىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، چۈنكى دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار يەرلىك خەلق دەپ تىلغا ئېلىنغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى باياننامىسى 2007 - يىلى ئېلان قىلىنغاندا 114 دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى، 4 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ تەرەپسزلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، كېيىن رەت قىلغان دۆلەتلەرمۇ باياننامىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا رەت ئويى ئىشلەتكەن رۇسىيىمۇ كېيىن باياننامىنى قوللىغان ۋە ھەتتا ئۆز ئاساسىي قانۇنىدا شابسغ ۋە ئابازىن خەلقلىرىنى كىچىك يەرلىك مىللەتلەر دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا بىر قىسىم ھەقلەرنى بەرگەن. بۇ باياننامىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى خەلقئارانىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەققىنى قوغداشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ بىرلىكنىڭ دۇنيادا ئادالەتنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا مۇھىم رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى باياننامىدا يەرلىك خەلقلەرگە ھەر تۈرلۈك ھەقلەر بېرىلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئايرىمىچىلىققا، ئېتنىك قىرغىنچىلىققا، ئاسسىمىلىياتسىيىگە ئوخشاش تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۇچرىشى چەكلەنگەن. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن يەرلىك خەلق دەپ تىزىمغا ئېلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. يەرلىك خەلق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تونۇش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى جامائەت پىكرى ھاسىل قىلشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۇغبا خانىم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى مەخسۇس يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان WCIP يەنى دۇنيا يەرلىك خەلقلەر قۇرۇلتىيى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھازىر بۇ جەھەتتە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان يەنە بىر تەشكىلات يەنى، دانىيىدە قۇرۇلغان «خەلقئارا يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپسى» قىسقىچە ئاتىلىشى IWGIA دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلار ب د ت دا تەۋسىيە قىلىش ۋە كۆزىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تىزىملىكىدە خىتاي تەۋەسىدە پەقەت تىبەتلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت