خىتاينىڭ سۇدان پرېزىدېنتى ئەل-بەشىرنى كۈتۈۋېلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئەل بەشىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان ماكانغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

سۇدان پرېزىدېنتى ئەل-بەشىرنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئەسلى دۈشەنبە كۈنى باشلانماقچى ئىدى. ئەل-بەشىر يەكشەنبە كۈنى تېھراندا چاقىرىلغان تېررورلۇق ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن، تېھراندىن ئايرىلىپ خىتايغا قاراپ يولغا چىققان. بىراق ئۇ تۈركمەنىستان ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندە ئارقىغا قايتىپ تېھرانغا يېنىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇنىڭ زىيارىتى كېچىككەن بولسىمۇ، لېكىن سۇدان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەل-بەشىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئارقىغا يېنىپ تېھرانغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەل-بەشىرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەل-بەشىرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخسلەر پانالىنىدىغان ماكانغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

لېكىن ئەل-بەشىر بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ ئەل-بەشىر بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەل-بەشىرغا «خەلقئارا ۋە سۇداننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر جۇڭگونىڭ سۇدانغا قاراتقان دوستانە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەنلىكى مەلۇم.

لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىرى خىتاينىڭ ئەل-بەشىرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى، ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى پروفېسسورى ياڭ لىيۈينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەل-بەشىرنىڭ زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىشى خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئۇ ، «بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. بىرىنچى، گەرچە جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلقئارا ئادالەت مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ. خەلقئارا قانۇنلاردىكى نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنى بەك ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئوبرازى بىلەن كارى يوق. ھازىر قاراپ باقسىڭىز جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى كۆرەلەيسىز. مەسىلەن، ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئادەمنى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىدە ئۇنى 60 كۈندەك تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونى تەنقىد قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر. بىراق جۇڭگو بۇنى نەزەرگىمۇ ئېلىپ قويمىدى» دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2009‏-يىلى 2‏-ئايدا ئەل ‏-بەشىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنىڭ دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا مەسئۇلىيىتىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى كېلىشىمىغا ئىمزا قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئەل-بەشىر مەسىلىسىدە ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «پرېزىدېنت بەشىر بۇرۇن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ئىدى» دەيدۇ. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەل-بەشىرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن بۇيان ئېرىترىيە، لىۋىيە، مىسىر، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 2010‏-يىلى، تۈركىيە ئۇنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى رەت قىلغان.

ياڭ لىيۈي ئەپەندى خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئاتقۇرۇشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋۋال ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى زولېك خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان شېرىكى بولۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. بىراق ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى ئەمەسلىكى راست. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ بىر پارتىيىلىك دىكتاتورىلىق تۈزۈمىدە. چۈنكى جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەركىنلىك ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى قىممەت ئۆلچىمىگە ئىشەنمەيدۇ. مەسىلىنىڭ نېگىزى دەل مۇشۇ يەردە. شۇڭا خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.

ياڭ لىيۈي ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق شېرىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىئىر سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى تاشقىي سىياسىتى ئىدىيولوگىيىنى چىقىش قىلاتتى. لېكىن ھازىر ئىقتىساد ۋە سودا مەنپەئىتىنى چىقىش قىلماقتا. بۇ ئۆزگىرىشنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەت بولۇشنى ئويلىسا، ئىشنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا كەڭ ئاپتونومىيە بېرىشتىن باشلىشى كېرەك.

خىتاي سۇداننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقىغا مەبلەغ سالغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېقىندا جەنۇبىي سۇدان بېلەت تاشلاپ، سۇداندىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغان ئىدى. كېلەر ئايدا جەنۇبىي سۇدان ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىشى مۇمكىن. سۇداننىڭ بەزى مۇھىم نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ بىر قىسمى جەنۇبىي سۇداندا بولۇپ، بۇ دېگەنلىك جەنۇبىي سۇدان مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلسا، سۇداننىڭ ھازىرقى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 3 دەن بىر قىسمىغا تەسىر قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بەزى ئانالىزچىلار خۇ جىنتاۋنىڭ ئەل-بەشىرنى زىيارەتكە چاقىرتىپ، بېيجىڭنىڭ سۇدانغا سالغان مەبلىقىغە قانداق كاپالەتلىك قىلىشنى سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.