گۈيجۇدىكى 28 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئىنكاسلار (1)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.30
2008.06.30
ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى قانۇنسىز يىغىلىش ۋە ئۇرۇش - چېقىش، ئوت قويۇش شەكلىدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى دەپ بېكىتكەن. ئەمما خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى بىر تۈركۈم خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋەقەنى ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈن ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغۇچى خىتاي پۇقرالىرى نامىدىكى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ۋېڭئەن ۋەقەسى، پۇقرالارنىڭ زوراۋان ساقچىلاردىن يوللۇق قوغدىنىش ۋە پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشىلىق ئىپادىلەش ھەرىكىتى دەپ بىلدۈرۈلگەن.
قاتىل گۇماندارى پەقەت 24 سائەت سوراق قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەن
مەزكۇر ۋەقە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىلەن باشلانغان. قاتىل گۇماندارى پەقەت 24 سائەت سوراق قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى جەسەتنى يەرلىككە قويۇشنى رەت قىلىپ، قاتىلنىڭ تېپىپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلغان.ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ ساقچى ئىدارىسىگە بارغاندا، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن ۋە ساقچىدىن قايتىش سەپىرىدە بىر تۈركۈم قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە تاياقتىن زەخمىلىنىپ ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقدىشىدىن ئايرىلغان Yuhua ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋېڭئەن ساقچى ئىدارىسىغا بارغان. نامايىش شەكلىدە باشلانغان ھەرىكەت توقۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشقان.
توقۇنۇشتا 20 دىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىلى، ساقچى ئىدارە بىناسىنىڭ ئىككى قەۋىتى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئۇرۇپ - چېقىلغان ۋە ئوت قويۇلغان.
ھەرىكەتكە قانتاشقۇچىلار سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق
گۈيجۇ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ۋەقەگە قاتناشقۇچىلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەستىن قۇتراتقۇلارغا ئەگىشىپ قالغان ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم ئامما دەپ كۆرسىتىلگەن. خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھەرىكەتنىڭ قوزغىغۇچى ۋە يېتەكچىلىرى سانى 500 ئەتراپىدا بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ھەرىكەتنى قوللىغۇچىلار ناھىيە بازىرىدىكى خەلق بولۇپ، ھەرىكەتكە قانتاشقۇچىلار سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق.بۈگۈن يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە 28 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن باشلىنىپ، 29 - ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 5 كىچە داۋام قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار 300 كىشىنى قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ناھىيە بازىرىنى ساقچىلار قامال قىلىقلىق. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىشى چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
بۈگۈن بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئۇرۇش - چېقىش ۋەقەسىنى يوللۇق ۋەقە دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ساقچىلار زوراۋانلىق قىلغان. ئاخبارات دۆلەتنىڭ قولىدا بولغاچقا، خەلق نارازىلىقىنى ئىپادىلىيەلمىگەن. بۇ ئۇرۇش - چېقىش - ئوت قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان.
ئوت قويۇشقا مەجبۇرلىغانلار جاۋابكار بولۇشى كېرەك
ۋېڭئەن ۋەقەسىنىڭ توغرىلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ناملىق مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئۇرۇش - چېقىش ۋە ئوت قويۇش مەدەنىي ھەرىكەت ئەمەس. ئەمما بۇ يەردىكى جاۋابكار ئوت قويغانلار ئەمەس، ئوت قويۇشقا مەجبۇرلىغانلار بولۇشى كېرەك. خەلق ھەقسىزلىككە ئۇچرىسا، ئارقىسىدىن ھەقسىزلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان جاي تاپالمىسا ۋە ھەتتا بۇ ھەقسىزلىكنى بايان قىلىدىغان بىر ئاخبارات ئورنى تاپالمىسا، زوراۋانلار پەيدا قىلغان ئۆچ ۋە نەپرەت تەبىئىي ھالدا، ئۇرۇش - چېقىش ۋە ئوت قويۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەقىلغە سىغمايدىغان يېرى يوق."مەزكۇر ھەرىكەت خەلقنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىدۇر
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قايمۇقۇپ قېلىش مەسىلىسى ئەمەس؛ بەلكى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقنىڭ پارتلاپ چىقىشى. ئۆلۈم ۋەقەسى ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشتىكى سەۋەبى، ئاساسلىق سەۋەب بولسا جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك.بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلقى ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكتىن نارازى، ئاندىن پارىخور ئەمەلدارلاردىن شىكايەتچى. خىتاي يازغۇچىلىرىدىن گۇەن جۇجېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت خەلقنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىدۇر.
14 - مارت لخاسا، 23 - مارت خوتەن ۋە 28 - ئىيۇن ۋېڭئەن ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى ئورتاق نۇقتىسى ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇشتۇر. شەكىل جەھەتتىكى ئورتاق نۇقتىسى بولسا نامايىش بىلەن باشلىنىپ توقۇنۇش بىلەن ئاخىرلىشىشىدۇر.