خىتايدا يەر - زېمىنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى كۈچەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.11.30
2009.11.30

RFA Photo
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭۋەن شەھىرىدىكى 3 نەپەر دېھقان ئۆتكەن ھەپتە زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە دەخلى قىلغان،دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوت تەرىپىدىن جازا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ 3 نەپەر دېھقان، "بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭۋەن شەھىرى خېڭلى بازىرى يۈېتاڭ كەنتىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كەنتتە قۇرماقچى بولغان " دۇڭۋەن ئېكولوگىيە باغچىسى" قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، 3000 مو تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قوللىرىغا كالتەك -توخماق، ئارا -گۈرجەكلەرنى ئالغان كەنت ئاھالىسىگە باشچىلىق قىلىپ، كەنت ئېغىزىدا دېھقانلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلاردىن 44 ئادەمنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان" دەپ ئەيىبلەنگەن.
مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھەر يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن ھەم شەھەر قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولۇپ، يەر -زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان پۇقرالار، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىغان.خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەتتا بەزى جايلاردا ئۆلۈم ۋە يارىلىنىش ھادىسىلىرىمۇ كۆپەيگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان " پۇقرالار كۈچى" تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان، يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئۆز سۆزىدە، بۇ يىللاردا خىتايدىكى ئەرزدارلار ئىچىدە ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان بىر قوشۇننىڭ يەر - زېمىنىدىن ئايرىلغان دېھقانلار ھەم شەھەر قۇرۇلۇشى باھانىسىدە ئۆيلىرى چېقىلىپ، مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئاۋام شەھەر پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈركۈم ئەرزدارلار ئالدىدا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى بارغانچە ھالسىزلاندۇرىدىغان مۇھىم بىر كۈچكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۆتكىشى ۋە " غەربنى ئېچىش " سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىشىدا، خەلقنىڭ يەر - زېمىن بايلىقلىرىنى تارتىپ ئېلىش تېخىمۇ كۈچەيگەن.
تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن، ئۆز يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تېخى بۇ يىل 5 - 6 - ئاي مەزگىلىدىكى خەۋەرلىرىدە، غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسى ھەم ئارا دادامتۇ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي - جايلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىگە نارازى بولۇپ كۆچۈشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدۇق.
كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئىچكىرىدىن نوپۇس يۆتكەش ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىنى تارتىۋېلىشى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر - زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقلىرى ۋە بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھاياتلىق ئېھتىياجىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور بىر تەھدىتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەقىقىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى ھەر خىل ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈچىيىدىكەن، نەتىجىدە خىتايدا زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان، ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن كىشىلەر سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئۇلار خىتايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچى ئەرزدارلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلىنىشى ھەم ئاخىرىقى ھېسابتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئەڭ زور ئىجتىمائىي قوشۇنغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.