ياپونىيىدە "سېنكاكو ئارىلىنى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قوغدايلى" ماۋزۇلۇق ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي كېمىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ پاراخوتىنى قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندىن سىنئالغۇغا ئېلىنغان كۆرۈنۈش ياپونىيىنىڭ دېڭىز قوغداش قىسمىنىڭ نامەلۇم بىر خادىمى تەرىپىدىن مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاشكارە ھالدا <يوئۇتۇبە> تور بېتىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ياپون خەلقى ۋە ياپونىيىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قاتتىق غەزىپى قوزغالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

نەچچە مىڭلىغان ئامما ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تولىمۇ يۇمشاق سىياسەت قوللانغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، ياپونىيىنىڭ ھەر-قايسى شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ" تاجاۋۇزچىلىق" قىلمىشىغا قارىتا نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
11-ئاينىڭ 20-كۈنى ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياپونلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ خىتاينىڭ ياپونىيىنىڭ سېنكاكو ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت، تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان در. ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت بولۇۋاتقاندا خىتاينىڭ يەنە ئىككى كېمىسى سېنكاكو ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ياپونىيىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەزكۇر پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىگەن ياپونىيىلىكلەر "ئەگەر ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپون خەلقى ئۇيقۇسىنى ئېچىپ ئۆز تۇپرىقىغا بولۇۋاتقان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقى" نى تەكىتلەشكەن. ئۇلار سۆزىدە يەنە خىتايلارنىڭ يېقىندىن بېرى ياپونىيە تۇپرىقىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇڭا ياپونىيىدىكى ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان پارتىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشتا بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىردەك يەنە ياپونلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قايتا ئويغىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرغان.

بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتنى سول تەرەپ ئۈستىدىكى "قوراللار" كوزنىكىدىكى ئاۋازدىن ئاڭلاڭ.