خىتاي كومپارتىيىسى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

14-نويابىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھى تىكلەندى. خىتاي كومپارتىيىسى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ جىددىي دىققەت نەزىرىدە بولماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇنداقتا، خىتاي كومپارتىيىسى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولامدۇ-يوق؟ بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بىز تۆۋەندىكى سوئاللار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردۇ.

1-ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، شى جىنپىڭ يېڭى نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى. شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈننىڭ 1950-يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئالاھىدە ھوقۇقلۇق شەخس بولغانلىقى مەلۇم. ئۇ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي-شىمال مەھكىمىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان مەزگىللەردە ۋاڭ جىن بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ماۋ زېدوڭغا يول كۆرسەتكەن. سىزچە شى جۇڭشۈننىڭ ئوغلى بولغان شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم تەختكە چىقىشى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

2-بۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ھەم سىياسىي بيۇرونىڭ 7 كىشىلىك دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. جاڭ چۈنشەن سىياسىي بيۇرونىڭ 25 كىشىلىك ئەزاسى قاتارىغا كىردى. بوشۈن قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتايچە تور بەتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە جاڭ چۈنشەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كومپارتىيە سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىنىدىغانلارنىڭ چوقۇم سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىرىدىن تاللىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋاڭ لېچۈئەن دەۋرىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ۋە قاتتىق قول سىياسەتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

3‏-يېڭى نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېچقانچە ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى ئايان بولدى. جاڭ چۈنشەن سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئاران 205 كىشىدىن تەركىب تاپقان خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلا بولالىدى، خالاس. يەنە كېلىپ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن نۇر بەكرىدىن ئىبارەت بىرلا كىشىنىڭ ئورنى بار، ئەمما بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېتقا موڭغۇللاردىن 3 كىشى سايلاندى. ئۇندىن باشقا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 107 كىشىدىن تەركىب تاپقان كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن پەقەت ئەركىن تۇراخۇنلا سايلاندى، ئەمما تىبەتلەردىن بولسا 3 كىشىگە ئورۇن بېرىلدى. بۇ ئەھۋاللار، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى سىياسىي ھوقۇق مەركىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئەركىن ئەكرەمنىڭ قۇتلان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.