ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىش ئۈچۈن 6 مىليون دوللار ئاجراتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە بىر ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسى ئىچىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە لخاسادا ئېچىلغۇسى ئامېرىكا باش كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن 6 مىليون دوللار پۇل ئاجراتقان.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، 19 ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ۋە 26‏ - ئىيۇن كۈنى بولسا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قاراردا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسادا ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسى ئىچىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى دەپ قارشى ھەمدە لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىچىش بەدىلىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خالىغان بىر شەھىرىدە خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئېچىشىغا رۇخسەت بېرىشى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالا ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتچى جۇد گىرگ ۋە دېموكرات ئەزاسى دىئانا فاينشتاين ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مارك كىرك تەرىپىدىن بىرلىكتە سۇنۇلغان بولۇپ، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى تود شتايىننىڭ ئېيتىشىچە، لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشى تىبەتنىڭ تاشقى دۇنياغا ئېچىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن ھەمدە تىبەت ئىچىدىن بىۋاستە خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىدىكەن.