تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئەندىشە ئىچىدە

خىتاي، 14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بىخەتەرلىك ۋەدىسى بەرمەكتە. مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ئاھالىلىرى، دۇكانلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008-09-17
Share

 خىتاي تىبەت پارتكوم سېكرىتارى بۇ يىل 2 ‏ - سېنتەبىر كۈنى كۆچمەنلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە تىبەتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان.

ئۇ تىبەتتە مۇقىملىقنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. پارتكوم سېكرىتارى جاڭ يىجيۇڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن يېتەرلىك ئىمكان يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر، 14 ‏ - مارت ۋەقەسىدىن كېيىن، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە تىبەتتىن سوۋۇش ۋە قورقۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى،16 ‏ - سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ تۈر كۆچمەن سىياسىتى تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت