دالاي لاما فرانسىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

فرانسىيىدە شەھەر باشلىقىنىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن دالاي لاما، پەيشەنبە كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كۇشنەر بىلەن ئۇچراشماقچى.

بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ، فرانسىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نورۋىگىيىدىكى تىبەت ئاۋازى رادىئوسى سەيشەنبە كۈنى، فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دالاي لامانىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ھىمايىسىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دالاي لاما فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كۇشنەر بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لامانىڭ فرانسىيىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پرېزىدېنت ساركوزىينىڭ خانىمى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، فرانسىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە دىققەت قىلىشىنى قايتا ‏ - قايتا تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان.