دالاي لاما تىبەت تەشكىلاتلىرىنى تىبەت مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدىكى ئالاھىدە يىغىنغا چاقىردى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما جۈمە كۈنى سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى 11 ‏ - ياكى 12 ‏ - ئايدا ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ، تىبەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.12

 سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كارما چوپېل روېيتېرس ئاگېنتلىقىغا تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئالاھىدە يىغىن ئېچىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى ئۈستىدە دۈشەنبە كۈنى مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىنغا سۈرگۈندىكى تىبەت رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە تىبەت ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا دالاي لاما نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىن توسالغۇسىز ئېچىلسا، بۇ، خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قارشىلىققا ئۇچراپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئېچىلغان يىغىن بولۇپ قالىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 3 ‏ - ئايدا يۈز بەرگەن تىبەتتىكى ئىسياندا دالاي لامانىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان ئىدى. دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 7 ‏ - ئايدا خىتاي مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى 10 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن ئىدى.

دارامسالادىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كارما چوپېل 11 ‏ - ئايدىكى يىغىندا تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.