ئەگەر سۆھبەت توسالغۇسىز ئۆتسە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن تىبەتتىكى قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، سۈرگۈندىكى تىبەتلەر بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ.
دالاي لاما ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، دالاي لامانىڭ 2 نەپەر ۋەكىلى شەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن " غەيرى رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن". باياناتتا، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى خىتاي دائىرىلىرىگە دالاي لامانىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن " چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى " نى يەتكۈزىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ۋەكىللەر" رايوندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بەزى تەكلىپ پىكىرلەر " نى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، دالاي لاما بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىدىن لودى گيارى، كېلساڭ گيالتسېننى يوللىغان. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى توبتېن سامپېل، دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ جۈمە كۈنى خوڭكوڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى، ۋەكىللەرنىڭ بېيجىڭدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ چىڭلىن بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، سۆھبەت مەزمۇنى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە 6 قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت2006 - يىلدىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.