دالاي لاما فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما جۈمە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى كارلا ساركوزىي ۋە فرانسىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى بېرنارد كوچىنېرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەشكە چاقىردى.

ئۇلار جۈمە كۈنى جەنۇبىي فرانسىيىدىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇچراشقان بولۇپ، مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. دالاي لامانىڭ فرانسىيىلىك تەرجىمانى ماتيۇ رىچارد كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا دالاي لامانىڭ جۇڭگونىڭ "خەلقئارادىكى ئىززەت ‏ - ئابرويىنى تەكرار تىكلەشنىڭ بىردىن ‏ - بىرى يولى دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەشتۇر " دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دالاي لاما بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش ۋە مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدا توختالغان. ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 2000 دەك مېھمان ئىچىدە فرانسىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى راما يادﯤ ۋە سابىق باش مىنىستىر ئالېين جۇپپېلار بار ئىدى. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى، فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى كارلا ساركوزىينىڭ دالاي لاماغا پرېزىدېنت نىكولاس ساركوزىينىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى فرانسىيە پرېزىدېنتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ساركوزىي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە " ئېغىر ئاقىۋەت" كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى فرانسىيىنى بۇ توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى"سەزگۈرلۈكى ۋە مەسىلىنىڭ مۇھىملىقى" غا جىددىي قاراشنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت ساركوزىي خىتاي ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا لخاسا ئىسيانىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. دالاي لامانىڭ ئىككى ھەپتىلىك فرانسىيە زىيارىتى شەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى "لې موندﯤ " گېزىتىگە 14 ‏ - مارت لخاسا ۋەقەسىدىن كېيىن ئاز دېگەندە 400 نەپەر تىبەتنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.