تىبەتلەرنىڭ كاتماندۇدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا تىبەتلەرنىڭ لخاسادىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىدىن كېيىن، نېپالنىڭ پايتەختى كەتكەندۇ شەھىرىدە تىبەتلەر تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا نېپال ساقچىلىرى 182 تىبەتلىكنى ۋاقىتلىق قولغا ئالغان.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، نېپال ساقچى دائىرىلىرى، تىبەتكە ئەركىنلىك دەپ توختىماي شۇئار توۋلىغان تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نېپالدا نۆۋەتتە 20000 ئەتراپىدا تىبەتلىك ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەت تىبەتكە قوشنا بولغانلىقى ئۈچۈن، تىبەت مىللىي ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەرنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتتىن قاچقان تىبەتلىكلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئەڭ چوڭ تىبەتلىك مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى نېپالدا بولۇپ، ھەر يىلى تىبەتتىن قاچقان ئۈچ مىڭغا يېقىن تىبەتلىك بۇ مەركەزلەردە كۈتۈۋېلىنىپ، ئاندىن ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن