دالاي لاما ئەگەشكۈچىلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردە كونكرېتنى نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى بىلەن، تەبىئىي ھالدا ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
دالاي لاما بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پۇل - مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىگە بېسىلغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ئولىمپىكنىڭ خىتاي بىلەن تىبەت مەسىلىسى دىئالوگى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئىنتىلىشلىرىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دالاي لاما يەنە، تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن، سۆھبەت شەكلىدە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "زوراۋانسىز ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش تەلىماتى كارغا كەلمىدى" دەپ قارايدىغان تىبەتلەرنىڭمۇ ئىنتايىن نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.