خىتاي دائىرىلىرى 17 تىبەتلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان 30 نەپەر تىبەتلىك ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئىچىپ، ئۇلارنى، 3 يىللىقتىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغىچە بولغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، لخاسا خەلق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان ئوچۇق سوتقا بۇددىست راھىبلار، تىببى خادىملار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت بىر بۇددىست راھىب قاتارلىق ئۈچ تىبەتلىكنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، ئىككى راھىبنى 20 ۋە يەنە ئۈچ راھىبنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 10‏ - مارت كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە باشلانغان ۋە ئارقىدىن تىبەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا ھەتتا تىبەتلەر بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشقان خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگىچە تارقالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، ئولىمپىك ھارپىسىدا پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ مىسلىسىز بېسىمىغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان سىياسىيونلار ۋە دۇنيادىكى ئاتاقلىق ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەر، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ياۋرۇپا پارلامېنتى بولسا، ياۋرۇپا رەھبەرلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.

خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.