خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى يەنە ئەيىبلەشكە باشلىدى

گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈنى ئىلگىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى خىتاي ئاخباراتلىرىدا يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان "جۇڭگو گېزىتى" نىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، باش ماقالىدە:" دالاي گۇرۇھى سۆز ئويۇنى ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، ئۇلار ھەر دائىم ئوخشىمىغان ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاددىي خەلقنى ئازدۇرۇپ كەلدى" دېيىلگەن.

ئەمما باش ماقالىدە يەنە، دالاي لاما تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلەرنىڭ ئارقىسىدا " تىبەت مۇستەقىللىقى" دېگەندىن ئىبارەت پەقەت بىرلا نېگىزلىك سۆزنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە تىبەتنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، تىبەتنى پارچىلاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالدىنقى جۈمە كۈنى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن دالاي لامامۇ بۇ پىكىرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.