خىتاي دالاي لامانىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئارزۇسىغا سوغۇق ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشتىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىگە سوغۇق ئىنكاس قايتۇرۇپ، دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىدىن بىشارەت بەردى.

نۆۋەتتە لوندوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دالاي لاما، ئەگەر ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنسا مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سۆھبەت تىبەت ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا يارىسا ئاندىن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دالاي لامانىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلى 5 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى شىنجېندا خىتاي مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېلەر ئاي بېيجىڭدا رەسمىي سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنى قارارلاشتۇرغان ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ دالاي لامانىڭ يەنىلا سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، دالاي لاما ۋەتەننىڭ ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىستىسە كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ۋەتەننى پارچىلاش، زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش ۋە ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك " دەيدۇ. چىن گاڭ يەنە، كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختىلىپ، "كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەت كۈنى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇۋاتىدۇ. كىشىلەر بىلگەندەك نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ھەر قايسى ئورگانلار يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى14 ‏ - مارت كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن ئىسياننى دالاي لامانىڭ قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن دالاي لاما بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ پەيشەنبە كۈنى لوندوندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماختىدى.