دالاي لاما، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن ئۈمىدۋار

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، جۈمە كۈنى گېرمانىيىدە چىقىدىغان " دەر شىپىگەل" ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ھەم تىبەت مەسىلىسى ھەم يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن دالاي لاما نىڭ ئېيتىشىچە، مەۋجۇت ئىختىلاپ ۋە كۆز قاراش پەرقلىرىگە قارىماي، سۆھبەت جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپ، تىبەت مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىر يول تېپىش ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تىبەت روھانى داھىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت جەريانىدا، دالاي لاما تەرەپ خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىگە، كېلەر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي بولالايدىغان كونكرىت تەكلىپلەرنى سۇنغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەت ناھايىتى ياخشى بىر ئاتموسفېرا ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ تىبەت ۋەكىللىرىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن تىبەت مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

گەرچە، دالاي لاما تەرەپ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتۈملۈك نەتىجە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈمىدۋارلىق بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا خەلقئارادا تىبەت مەسىلسىدە خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي بىر تاكتىكا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.