مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياشار يىلدىرىم: «ئۇيغۇرلار چوقۇم ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ياشار يىلدىرىم ئەپەندى 600 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا پەلەستىن مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى بىر كۈن چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

ياشار يىلدىرىم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۈممەتنىڭ مەسىلىسى پەقەتلا غەززەدىمۇ؟ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار پەقەتلا غەززەدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. بىزنىڭ شەرق تەرىپىمىزمۇ بار. 5 مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا شەرقىي تۈركىستان بار، ئۇيغۇرلار بار» .

ياشار يىلدىرىم ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 15 يېشىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مىللەتچى ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ياش ۋاقتىمىزدا، 15 يېشىمىزدىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتىمىز. ئۇ ۋاقتىدىكى شوئارىمىز ‹ئەسىر تۈركىي خەلقلەرگە ئەركىنلىك› ئىدى. 1970-يىللاردا ياشىغانلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ. بىز ئەينى زاماندا تۈركىيەنىڭ ھەممىلا جايىغا بۇنداق لوزۇنكىلارنى ئاسقان ئىدۇق. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئەسىر تۈركلەر ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى، بۈگۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى قۇردى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان تېخىچە خىتاينىڭ قول ئاستىدا تۇرماقتا. بىز تۈركىيەدىكى مىللەتچىلەر بۇ دەۋانىڭ بەدىلىنى تۆلىدۇق، يەنە تۆلەشكە تەييار» .

ياشار يىلدىرىم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۈممەتنىڭ ئەڭ بىچارىلىرىنى بىز ئۇنتۇمىدۇق. بىز ئۇلارنى ئۇنتۇلدۇرمايمىز ۋە ئۇنتۇمايمىز. ئۇنتۇساق ئاللا بىزنى جازالىسۇن. ئۇلار بىزنىڭ دىندىشىمىز، ئىرقدېشىمىز ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بىچارىسىدۇر. خۇدايىم بۇيرۇسا سوۋېت ئىتتىپاقى قانداق تارقىلىپ، ئەسىر تۈركىي خەلقلەر مۇستەقىل بولغان بولسا، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» .

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ياشار يىلدىرىم تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-يانۋار، ئەنقەرە
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ياشار يىلدىرىم تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-يانۋار، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيە ئىدى. ئۇ، 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقاچقا ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ‹جازا لاگېرلىرى› توغرىسىدا ھازىرغىچە تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى.

بۇ پارتىيەنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا بۇنداق قاتتىق ئوتتۇرىغا قويۇشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياشار يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇنداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شەھەر، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلىمى جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى» دېدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، بۇ توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى تۈرك خەلقىنى بىئارام قىلماقتا. شۇڭا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى، ياشار يىلدىرىممۇ بۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ئويلايمەن. ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەلۇم بىر ئېزىلگەن مىللەتكە ئىگە چىقىپ، باشقا ئېزىلگەنلەرگە ئىگە چىقمىسا ناھەقچىلىك بولىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە قايتىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. پارلامېنت ئەزاسى ياشار يىلدىرىمنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ بۇنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلايمەن. »

2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى، «سائادەت»، «يېڭىدىن رەفاھ» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.