«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەر» ناملىق مەخسۇس تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى
2024.08.16
يېقىندا كانادادىكى كونكوردىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى دوكتور سۇسان ج. پالمېر، دىلمۇرات مەھمۇت ۋە ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاب مەركىزى نيۇ-يوركتىكى بلۇمىسبېرىي (Bloomsbury Publishing Inc) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
نەشرىياتنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاكتىپلىق بىلەن رول ئالغان زۇبەيرە شەمسىدىن، روشەن ئابباس، رەھىمە مەھمۇت، رۇقىيە تۇردۇش، ئارزۇگۈل، رازىيە مەھمۇت، دىلنۇر رەيھان، گۈلچېھرە خوجا، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق 10 نەپەر ئايالنىڭ ھېكايىسى 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان دىنىي، سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئامىللار بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىقى ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا ئوينىغان ھەل قىلغۇچ رولى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 16-ئاۋغۇست كۈنى بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان. سۆھبەتكە كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ بىرى دوكتور سۇسان ج. پالمېر ھەمدە بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەردىن گۈلچېھرە خوجا، زۇبەيرە شەمسىدىن، رازىيە مەھمۇت قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان. بۇ پىروگراممىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفى رىچاردسون رىياسەتچىلىك قىلغان.
سۆھبەتتە ئالدى بىلەن دوكتور سۇسان ج. پالمىر خانىم ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ بۇ كىتابنى يېزىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۆزى خىتايغا بىر خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرىش ئالدىدا ئوقۇغان. ئۇ بىر مۇستەقىل ۋە ئوبيېكتىپ تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلىك خەۋەرلەرنى ئوقۇغانسېرى بۇ مەسىلىگە قىزىققان. كاناداغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئىزدەپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان.
ئۇ، «مەن كىتابىمدا يەر ئالغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشقانسېرى، چوقۇم بۇنى بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىش ۋە دۇنياغا تونۇتۇش ئويىغا كەلدىم» دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئارقىدىن كانادادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور رازىيە مەھمۇت خانىم، زۇبەيرە شەمسىدىن ۋە گۈلچېھرە خوجا قاتارلىقلار سۆز ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق بولۇپ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا ھەل قىلغۇچ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەرگە ئايلانغانلىقى، بۇ جەرياندا تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن.
زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزى ئاۋسترالىيە ۋە ھازىر ئامېرىكاغا ئوخشاش ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىر مىنۇتمۇ ۋەتىنىدە زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويالمايدىغانلىقىنى، قانچە ئەركىن، قانچە ياخشى شارائىتلاردا ياشىغانسېرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىمۇ مۇشۇنداق ياشىيالمايدۇ، بىزمۇ مۇشۇنداق ياشاشقا لايىق ئىدىققۇ؟ دېگەندەك ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئۆزىنى چىرمىۋالىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەركىن تۈزۈم ئاستىدا ياشىشى ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
رازىيە مەھمۇت خانىم، ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەقەت لاگېرلار بىلەنلا باشلانمىغانلىقىنى، نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ زۇلۇمنىڭ يۈكىنى ھازىر بىلىپ-بىلمەي چەت ئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ تەڭ زىممىسىدە كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ داۋا يولىدا بىلىپ-بىلمەي بالىسىغىمۇ شۇ داۋانىڭ يۈكىنى يۈكلىگەنلىكىنى بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ئېغىر روھىي زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ چوقۇم ئاياغلىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ سۆھبەتتە يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجامۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان خەۋەرلەرنى ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى، ئىنىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورچى» دەپ جاكارلىنىشى ۋە لاگېرلار باشلىغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغان ئاپىسى ۋە ئىنىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېكرانغا چىقىرىلىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى سۆزلەپ ئۆتكەن. گۈلچېھرە يەنە ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، تولۇپ-تاشقان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشىشىنىڭ ئۆزىگە زور كۈچ بېغىشلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
يۇقىرىقى ئايال پائالىيەتچىلەر سۆزلىرىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
بىر سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەت ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەر بىلەن ئاياغلاشقان.