«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خەزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.08.30
خىتاي جان-جەھلى بىلەن قارىلاۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېكراندا كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 4-ئىيۇل.
Photo: RFA

داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنىدىن 7-ئىيۇن كۈنىگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنىغا نەق مەيدان ۋە توردىن بولۇپ، جەمئىي 40 ئەتراپىدا گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. ئۇلار مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» يېقىندا ئۆزىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ 10-سېنتەبىر باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلغان.

يىغىن كۈنتەرتىپىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى كۆپرەك ئىكەن. تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئۆمەر بېكئالى قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى قاتناشقان ۋە ناھايىتى مۇھىم ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئالدىنقى قېتىملىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلار ھەرخىل تىلدىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە باش بەتتىن ئورۇن ئالغان ئىدى. خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە، شۇنداقلا بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە قاتتىق ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىشقا ئاز قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە قارشى ھۇجۇملار باشلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باشتۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار چىقىرىشىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بار كۈچى بىلەن بۇ كوللېگىيەگە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ژۇرنالىست بەنېدكىت روجىرىس ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مۇھىملىقىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ سەۋەپ بار. بىرىنچىدىن، بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشىدا پەيدا قىلغان پاجىئەلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان داڭلىق ئەنگىلىيەلىك سوتچى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەر مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىلەشكەن كىشى جېففىرىي نايس تەرىپىدىن يۈرىتىلىدۇ. ھەمدە بۇ سوت كوللىگېيەسى تەرەپسىز مۇتەخەسسىس ۋە ئادۋوكاتلاردىن تەشكىل تاپقان مۇستەقىل سوت كوللىگېيەسى. ئىككىنچىدىن، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك ئىسپاتلار توپلاندى. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىسپاتلاردىن پايدىلىنالايدۇ. كۆپىنچە ئىسپاتلار ئالىبۇرۇن ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر كوللېگىيە ئارقىلىق بىر يەرگە توپلاندى. ئۈچنچىدىن، ئەگەر سوتچىلار توپلانغان ئىسپاتلارنى يېتەرلىك دەپ قاراپ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› دەپ قارار چىقارسا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قارار چىقىرىشىغىمۇ ناھايتى چوڭ بېسىم بولىدۇ. ئالدىن بىر نېمە دېمەك تەس. ئەگەر سوتچىلار ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› دەپ قارار چىقىرىشتا ‹ئىسپاتلار تولۇق ئەمەس› دەپ ھۆكۈم چىقارغان تەقدىردىمۇ، توپلانغان ئىسپاتلارغا ئاساسەن ناھايىتى ئىغىر باستۇرۇشنىڭ ئېلىپ بىرىۋاتقانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك ئىسپات توپلانغان بولىدۇ. بۇ ئىسپاتلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قايىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.»

سىياسىي پائالىيەتچىلەر، كۆزەتكۈچىلەر ئالدىنقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بەزى مەسىىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدىنقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدىن يەكۈنلىگەن تەجىرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋە تەرجىمانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋاقىتنى ئۇتۇش ئۈچۈن، سوتچىلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئۇدۇل، نەق جاۋاب بېرىشى كېرەك. تەرجىمانلار چوقۇم گۇۋاھچىلارنىڭ يازما گۇۋاھلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىشى كېرەك.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا ناھايىتى پۇختا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىدە ئۇقتۇرۇشىچە، تۆت كۈنلۈك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئالدىنقى قېتىمقىسىغا ئوخشاش «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىكەن.

رادىيومىزمۇ ئالدىنقى قېتىمقىسىغا ئوخشاش «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۆت كۈنلۈك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.