ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەمدە زىيالىيلارنىڭ رولى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.04.01
rayan-sam.jpg خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» يىغىندا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس رايان سام ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئاپرېل. بوستون، ئامېرىكا.
Social Media

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر 2017-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاخىرقى يۇقىرى پەللىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھادىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. بولۇپمۇ بۇ جەرياندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ سىياسىي «ئىنژېنېرلىق» نىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مەجبۇرىي كونترول قىلىنىشى، ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە مەنسۇپ بارلىق ئىمارەتلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» قا باغلىنىپ ۋەيران قىلىنىشىنى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆزدىن يوقىتىشتەك ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» دەپ چۈشەندۈرۈشكە يۈزلەندى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلىم ساھەسىدىكى ھەرقايسى زاتلار ئارىسىدا «بىز بۇنىڭغا قارىتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ ساينت مارىي ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى لېكسىيەدە ئەنگلىيەدىكى مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلىم ساھەسىدىكى زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئۈچۈن سادا چىقىرىش پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرىدىن جېف ئېدېن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ رايان سامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشتىن سىرت، يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ھەمدە ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ھەققىدە ھارماي-تالماي سۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

رايان سام شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلار، ئۆتكەن ئىككى يىلدا مىليونلاپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقى، نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىنىڭ قانداق ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۆتمۈش ھەققىدىكى سوئاللاردىن ‹ھازىر›نى چۈشىنىش ياكى ‹ھازىر› ئارقىلىق ئۆتمۈشنى بىلىش» كە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

رايان سامنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملىرى ئۆتكەن 20-30-يىلدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا قىسقىغىنە بىر ئىمكانىيەت نېسىپ بولغان. ئەمما ئۆتكەن 30 يىللىق تەرەققىيات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقىنىڭ ئىزچىل يۇقىرىلاپ مېڭىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدىكەن. ئەمما بۇ خىل يىلسېرى يۇقىرىلاپ ماڭغان زۇلۇم تاكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغۇچە ئۇنچە زور دۇنياۋى دىققەت قوزغاپ كېتەلمىگەن ئىكەن. 2017-يىلى ياز ئايلىرىدىن باشلاپ زور تۇتقۇن ئىجرا بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىشىپ بولغانلىقى كىشىلەرنى چۆچۈتۈشكە باشلىغان. چۈنكى 12 مىليونلۇق نوپۇس سانى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مىللەت بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مىليونلىغان بىرلىك بويىچە لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ زىيالىيلار سېپىدىكى ئادريان زېنز قاتارلىق ئالىملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان لاگېر قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش ھەققىدىكى ھۆججەتلەر ئاساسىدا ئىزدىنىشى بىلەن ئاللىقاچان تۈرمە شەكلىنى ئالغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن تېزلا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلە جۇدالىقى، مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقى، كوللېكتىپ تۈس ئالغان جىنسىي خورلۇق دېگەنلەر ئىشقا ئاشقان.

شۇنىڭدىن كېيىن رايان سام ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تارىخشۇناس تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالە يېزىشقا كىرىشىپ قالغانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇنىڭدىكى رولىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى. پروفېسسور راياننىڭ قارىشىچە، دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىشتا ھەر ئىككى تىلدىن ياخشى خەۋەردار بولغان ھەمدە بۇ جاينىڭ ئەھۋالى بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان مۇخبىرلارنىڭ كەمچىللىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە سۆز قىلىشنى باشلىغاندا تاشقى دۇنيا بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قايسى دەرىجىدە ئىشىنىش لازىملىقىنى بىلەلمەي بېشى قاتقان. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە سۆز قىلىشقا جۈرئىتى بار كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئانچە كۆپ بولمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن خادىملىرى ئۆز بىلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايان قىلغاندا بۇنىڭ زور ئۈنۈمگە ۋە ئىشەنچكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى رايان سام ھېس قىلىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ماقالىلەرنى يېزىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇخبىرلار، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىردەك بۇ خىلدىكى زىيالىيلار قوشۇنى يېزىپ چىققان ماقالىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى دەلىللەشتىكى «ئاساس» قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېغىر دەرىجىدە يەكلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا بۇنىڭ رولىنىڭ كۈتكەندىنمۇ زور بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، نۆۋەتتە تېخى غەرب دۇنياسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس «ئۇيغۇر تارىخى» ياكى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» دېگەن كاتېگورىيە بويىچە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان ھەمدە بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بەكمۇ كەمچىل بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە سۆز قىلىشىنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

لېكسىيەدىن كېيىنكى «سوئال-جاۋاب» بۆلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرشۇناس بولۇشتىكى شەرتلەر قاتارلىق سوئاللىرى نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاللىقاچان ياخشى بىلىنگەن مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى نامايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى «ئىجتىمائىي رول» نى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئالىملاردىن ئەنگلىيەدىكى نيۇ كاسىل ( «يېڭى قەلئە» ) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننا سىمىس خانىمغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە «جازا» بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ خىتايغا كېلىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئۇ «مەن ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن توختىمايمەن» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.