ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى
2005.03.16
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز بىمارىنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان "ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
تەكشۈرۈش ئوبيېكتىلىرى بولسا، قاماقتىكىلەر، ئۆزگەرتىلىۋاتقانلار، پاھىشىلىق قىلغۇچىلار، زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلغۇچىلار، جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار، قان بەرگۈچى ۋە قان ساتقۇچىلار ھەمدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ھەمدە بالىلىرى قاتارلىق 7 خىل تۈردىكى كىشىلەر ئىكەن.
بۇ تەكشۈرۈش پائالىيىتى يۇقىرىدىكى 7 تۈردىن بولۇپ جەمئىي 140 مىڭغا يېقىن كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 6 ئايدىن 9 ئايغىچە داۋام قىلىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋسترالىيىنىڭ ئەيدىز ياردەم پروگراممىسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا كېڭەيتىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 20 مىڭغا يەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەر تويدىن ئىلگىرى بەدەن تەكشۈرتۈشكە سەل قارىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز ئاشماقتا
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە