ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى يەنە كۆپەيدى
2007.03.22
خىتاي خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ ئاشكارىلىشچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئىلان قىلغان ئەيدىز بىمارلىرى 6936 نەپەر بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2051 نەپەر كۆپەيگەن. بۇ كۈنىگە تەخمىنەن 6 دىن كۆپەيگەنگە توغرا كېلىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 - مارت كۈنى ئاسىيالىق مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىشىپ ئاسىيا قىتئەسىدە كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ئەيدىز ئاپىتىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا چاقىردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاسىيادا بايقالغان ئەيدىز بىمارى 8. 5 مىليون بولۇپ، تېخى بايقالمىغانلىرىنىڭ قانچە مىليون ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن. ھازىر ئاسىيا قىتئەسى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشى جەھەتتە ئافرىقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاسىيا قىتئەسىدە 630 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغان.
يىغىنغا قاتناشقان موڭغۇلىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىسى باتا چويسۇرىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالامەتلىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قوغدىنىش ئېڭى توۋەن بولغان، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، پاھىشە ئاياللار، ئاققۇن ئىشچىلار ۋە بەچچىۋاز ئەرلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كۈنسايىن ئۆرلىشىدىن باشقا يەنە، ئەيدىز ھەققىدە تەلىم- تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلماسلىقىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2000-يىلى ئەيدىز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ دېگەن ئاساستا بىر قارار ماقۇللىغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي ئىشلار مەجلىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى "دۇنياۋى دىققەت-ئىتىبار" تەلەپ قىلىدىغان "دۇنياۋى جىددىي ئەھۋال" دەپ ئىلان قىلغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارلىرىغا يېڭى تۈردىكى دورا ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىندى
- خىتاينىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تىز ئىلگىرىلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلقنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر مەسىلىگە يۈزلەنمەكتە
- شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ دوختورخانىسىنى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختورخانىلار قاتارىغا قوشۇلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى كۈنىگە 17 دىن كۆپەيمەكتە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئېلان قىلدى