كىرىستوفېر سىمىس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نەزەربەند قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

12 - سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رايبۇرن سارىيىنىڭ ئالتۇن زالىدا، بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىنكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئاسىيا ئەللىرىگە تەۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىمۇ قاتناشتى.

يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، كىرىستوفېر سىمىس، ئېد رويىس، لورېتتا سانشەز قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ يىل ئىيۇلدا خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىنى ئاقلاش دەرىجىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ كەلگەن دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان نەزەربەند قىلىش ۋە كۆزىتىشنى ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى خادىمى ئەيمىي خېنىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن كونترول قىلىش ۋە چەكلەش ئىشلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلەرگە قاراتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.