ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 100 مىڭ كىشى سۇ ئاپىتىنىڭ زىيانكەشلىكىكە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا 40 نەچچە سائەت توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئوشۇق كىشى سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان ھەمدە بۇنىڭدىن 20 مىليون يۇئەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

“تەڭرىتاغ تورى” نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپەت تەسىرىگە غۇلجا شەھىرى، چۆچەك، چاپچال ناھىيىسى، غۇلجا ناھىيىسى، نىلقا ۋە تېكەس قاتارلىق جايلار بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ جەمئىي 2188 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە 109 قوتان ۋەيران بولۇپ، 181 تۇياق ئۆي-ھايۋىنى ئۆلگەن. ھەتتا 4 مەكتەپتىكى 7 ئېغىز سىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 40 نەچچە سىنىپتىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەن.

خەۋەردە يەنە، نەچچە كۈن توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ 40 مىللىمېتىرغا يەتكەنلىكى، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەرقايسى شەھەر، ناھىيىلەردىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.(پەرىدە)