ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە ئىسپات بەردى.
ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكىدىكى خىتاينىڭ ئېتنىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ قەغەزدىلا ياخشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا يەنە، خىتايدا ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئەمەس، بەلكى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدونمۇ قاتناشتى. (پەرىدە)