خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى


2005.09.15

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى 27 مىليارد يۇئەن مەبلەغ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت-خىمىيە بازىسى قۇرماقچى. خىتاي نېفىتلىگى بۇ تۈرگە يەنە 8 چەتئەل شىركىتىنىمۇ قوشىۋالىدىكەن.

"شاڭخەي شەرق ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىتلىگىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرىدىغان بۇ نېفىت خىمىيە بازىسى 2008 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ بولماقچى ھەمدە بۇ ئورۇن يىلىغا 5 يېرىم مىليون توننا نېفىت ۋە 1 مىليون 8 يۈز مىڭ توننا خىمىيە-سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن يىلىغا 30 مىليارد يۇئەن كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نېفىت-خىمىيە بازىسى، خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان نېفىت ئىستراتېگىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، قازاقىستاندىن گاز تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق كىرگەن نېفىت ئالدى بىلەن بۇ بازىدا پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ئاندىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى ۋە سېتىش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى سۈن لى، خىتاينىڭ چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان بۇ تۈرنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت-خىمىيە تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ۋە نېفىت قىدىرىش خىزمەتلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن يەنىلا خىتايلارنىڭ زور مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.