د ئۇ ق گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
2004.12.15
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ بېيجىڭنىڭ 2003 - يىلى 12 - ئايدا ئېلان قىلغان 'بىرىنچى تۈركۈمدىكى شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلار ۋە تېررورچىلار تىزىملىكى' نى ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، شۇنداقلا 2004 - يىلى 4 - ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسالمىغاندىن كېيىن، گېرمانىيىدە قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا قارشى ئوينىغان 'تېررورچىلىق' ھەققىدىكى يېڭى ئويۇنى."
گېرمانىيىدە چىقىدىغان "دېر سپېيگېل " گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا گېرمانىيە ئامانلىق دائىرىلىرىگە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدا تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
گېرمانىيە دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە بېيجىڭغا ئىككى نەپەر تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. "دېر سپېيگېل" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا تەشكىلات رەھبەرلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان، بىراق گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتايلارنىڭ 11 - سېنتەبىر تراگېدىيىسىنى پۇرسەت بىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى يوللۇق ھەرىكىتىنى " تېررورچىلىق" دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە، خىتاينىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەرزىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خادىم ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
- گېرمانىيە خىتاينىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەرزىنى تەكشۈرمەكچى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى