دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بايانىتىنى ئەيىپلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭنىڭ ، "ئەدىلىيە سىستېمىسى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى" دېگەن سۆزىگە رەددىيە بەردى.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭ، يېقىندا خىتايدىكى "كىشىلىك ھوقۇق" ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ،" كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدىلىيە سىستېمىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشتى" دېگەن.

ئۇ يەنە، ئەدىلىيە سىستېمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەرتىبىنى چىڭايتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، شياۋ ياڭنىڭ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. ئۇ باياناتىدا "ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى سوتقا تارتىلغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېچقانداق ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا سىياسىي سەۋەبتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي ئەدىلىيە دائىرىلىرى ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندە ۋە ياكى ئۆلۈم ئىجرا قىلغاندا، قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ" دېدى.

دىلشات رىشىت، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭنىڭ، ب د ت نىڭ كىلەر ئايدا جەنۋەدە ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلانغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)