ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينى تېررورىزم مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانماقتا، دەپ ئەيىبلىدى
2005.09.19
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى مۇقىملاشقان ئەھۋالدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورىزم مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا قوش ئۆلچەم قوللانماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سادىر قىلغان شەخسى جىنايى قىلمىشلارنى تېررورىزم، دەپ ئېلان قىلىپ، خىتايلار سادىر قىلغان تېررورلۇق ۋەقەلەرنى جىنايى ھەرىكەت، دەپ ئاتىماقتا،" دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، دۈشەنبە كۈنى بۇ يىل 8 - ئايدا توخسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا ئابدۇللا قۇربان يېتەكچىلىكىدىكى ئاتالمىش بىر تېرورچىلار گۇرۇھىنى تارمار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىلغا ئالغان ئىدى.
دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى شەخسى جىنايى قىلمىشلارنى تېررورىزم، دەپ ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىدى، خەلقئاراغا جۇڭگونى تېررورىزمنىڭ قۇربانى، دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يېقىنقى 10 يىلدا 166 پۇقرانى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، خەلقئارانى تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى نارىن ۋەقەسىگە چاتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟