ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز كانى بايقالدى
2006.10.24
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى باي ناھىيىسىدە، گاز زاپاس مىقدارى 150 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدىغان تەبىئي گاز كانى بايقالغان. خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گاز نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش لىنىيىسىنىڭ يەنى خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ گاز نېفىتلىكى دەپ تونۇلغان قارا 2 نېفىتلىك بازىسىدىن قالسا ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ گاز نېفىتلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 15 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىدە بايقالغان بۇ تەبىئي گاز كانىنى تېپىش ئۈچۈن، تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، باي ناھىيىسى تارىختا بايلىقىنىڭ موللۇقى ۋە خەلقىنىڭ باياشاتلىقى بىلەن داڭ چىقارغان يۇرت بولسىمۇ ، بىراق 1961 - يىلىدىكى ئاچارچىلىق دەۋرىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئامبارلىرىدا لىق ئاشلىق بولۇشىغا قارىماي نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. باي ناھىيىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ نېفىت ، گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن تەڭ خەلق تۇرمۇشى ناچار بولغان نامرات رايونلار قاتارىدا ئاتىلىپ كەلمەكتە. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تارىم ئويمانلىقى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى
- قاراماي - ئۈرۈمچى تەبئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تاماملاندى
- خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى
- قۇمۇل ۋىلايىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن
- رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى