غەربنى ئېچىشمۇ ۋە ياكى بۇلاشمۇ؟


2005.04.03

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى قەشقەردىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى " غەربنى ئېچىش سىياسىتى" نى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتنى " غەربنى بۇلاش ئىستراتېگىيىسى" دەپ قارىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ يېقىندا " غەربنى ئېچىش سىياسىتى" ھەققىدە سۆز قىلىپ، 2050 - يىلىغىچە خىتايدا " پاراۋان جەمئىيەت" قۇرۇش ئۈچۈن، غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ ئۆتكەنكى بەش يىل جەريانىدا، مەركەزنىڭ غەربتىكى ھەر خىل قۇرۇلۇشلارغا 460 مىليون يۈئەن پۇل ئاجراتقانلىقىنى ۋە غەرب ئۆلكىلىرىنى نۇرغۇن ياردەم سومملىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، نەتىجىدە غەربىي ئۆلكىلەردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ 2000 - يىلىغا قارىغاندا 3٪ ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىراق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار " غەربنى ئېچىش سىياسىتى" ئەمىلىيەتتە غەربنى بۇلاشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارايدىكەن. قەشقەردىكى بىر تىجارەتچى، قەشقەر شەھىرىدە بۇ بەش يىل ئىچىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،» بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كىم مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ؟ ھەممىسى خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش ئىنتايىن ئاز بولدى. تەرەققىياتلار بىزگە پايدا ئېلىپ كەلمىدى.« دېگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى تىجارەتچى بىلەن ئوخشاش ھىسسىياتتا ئىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مېنىرال بايلىقلىرى بىلەن شەرقىي دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەرنى گۈللەندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا " غەربنى ئېچىش قۇرۇلۇشى" نىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىپ كېلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى شىكايەت قىلغان.

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدا ھۆرمەتكە ۋە باراۋەر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە، بانكىدىن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان ھەر قانداق ئىقتىسادى پىلانلاردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.