بۇ نامايىشلار، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بەش ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قەشقەردە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە ئەزا بولغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 17 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇختار سېتىۋالدى ۋە ئابدۇۋەلى ئىمىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر نى ئۆلۈم جازاسىغا ۋە ئۈچ ئۇيغۇرنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا.
7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزلىگەن ئادەم قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا نىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ نامايىش غەلىبىلىك ئاياغلاشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.