ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنى گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنتىرلىقى ئۇرۇش جىنايەت ئىشلىرى بۆلۆمىنىڭ مەسئۇلى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنى، گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادىل ئابلىكىم، ئابابەكىرى قاسىم، ئەختەر، ئايۇپ ھاجى ئەخمەت ۋە مۇھەممەت ئادىل قاتارلىق بەش ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالبانيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەردار قىلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار، تىرانادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىغا تاپشۇرۇلغان. (قانات)