ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ لوسىگوڭ بازىرى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى لوسىگوڭ بازىرى، دۈشەنبە كۈنى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەن 4 كىشى يارىلانغان. كەلكۈندە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ سانى نەچچە ئونغا يېتىدىكەن. رايوندىكى سۇ ئىنشائات ئەسلىھەلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

ئىلىدىكى سۇ ئىنشائات دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتى يامغۇرنىڭ كۆپ يېغىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ لوسىگوڭ بازىرىدا يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن.

لوسىگوڭدىكى كەلكۈن ئاپىتى يېقىنقى بىر ئايدىن بېرى خىتاي بويىچە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى شالەن يېزىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە، مەزكۇر يېزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەب سۇ ئاستىدا قالغان. ۋەقەدە مەكتەبتىكى 95 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى شالەندىكى ئىككى يېزا ئەمەلدارىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى. قولغا ئېلىنغانلار شالەن يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بىلەن يېزىدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ئىكەن. شۇ جايدىكى جىددى قۇتقۇزۇش دائىرىلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ياردەمگە ئىھتىياج كىشىلەر يېزا پارتكومى ۋە ساقچى پونكىتىدىكىلەرنى تاپالمىغان. (ئەركىن)