سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىگە قاراشلىق ئىككى يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ( پاروتىت )تارقىلىپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 320 ئوقۇغۇچىدا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەن.
قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە تەۋە جىددىي يۇقۇمچان كېسەللىك بولۇپ ئاساسەن 14 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈر بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سەھىيە تارماقلىرى، مەزكۇر يېزا مەكتەپلىرىدىكى كېسەللىك تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى( پاروتىت ) ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغان. خەۋەردە كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى ئاساسەن كونترول قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر يېزىلاردا بالىلار ئارىسىدا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەم كېسەللىك مىكروبىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختالمىغان.
ئادەتتە بۇ خىل تېز تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىك ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، شۇنداقلا كېسەللىك مىكروبىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلارغا كىچىكىدىلا ۋاكسىنا قىلىنىشى شەرت. (گۈلچېھرە)