دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى ۋە گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا پىلانلانغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى تۈنۈگۈن، يەنى11-ئىيۇن كۈنى رەسمىي باشلاندى.
«لاگېرلارنىڭ 10-يىلى: تونۇشتىن جاۋابكارلىققا — ئەمدى نېمە بولىدۇ؟» دېگەن باش تېما ئاستىدا باشلانغان بۇ مۇنبەرگە پارلامېنت ئەزالىرى، دىپلوماتلار، قانۇنشۇناسلار، ئالىملار، مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى بولۇپ 200 چە كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش سۆزى قىلدى. بۇ يىغىن 13-ئىيۇن كۈنىگە قەدەر ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىندىن ئاۋۋالقى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قاراتقان ئىنكاسلىرى ھەم جاۋابكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مۇنبەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا نىسبەتەن دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنكاسلارنى باھالاش، ھەم جاۋابكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي يوللارنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئېچىلىش سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر بولغان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا مىقيادا تېخىمۇ كەڭ تونۇلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئەمەلىي جاۋابكارلىقنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ تونۇشنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا قارىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
