0:00 / 0:00
ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپى بۇنىڭدىن 100 يىللار بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزدە خىتايلار تەرىپىدىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە جاۋاپ بېرەلمەسلىك بىلەن قارالماقتا.
ئۇيغۇر مائارىپى ھەقىقەتەن دەۋرنىڭ كەينىدە قالدىمۇ ؟ قالغان بولسا بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ بۇ سۇئاللار ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر.
بەزى زىيالىلار، ئۇيغۇر مائارىپ سۈپىتىنىڭ كۈندىن كۈنگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئاساسى نىشاننىڭ ئوقۇتىش ئىشلىرىغا قارىتىلمىغانلىقىدا، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سىياسى تەلىم -تەربىيە خىزمىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئاساسى ئوقۇتۇش قورالى بولۇپ قالغان.
يۇقۇردىكى ئۇلانمىدىن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.